ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 16 – 17 – ماي كۈنلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1826864
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە چارە – تەدبىرلىرى، ھەر ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  زىيارەتنىڭ، تارىخىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئالجىرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرىنى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتلار باسقۇچىغا توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سىياسىي پىلاندا، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا ئورتاق نىيەتتە ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان پۈتكۈل خەلقئارالىق مەسىلىلەر دائىرىسىدە دىيالوگنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قارىتا ئورتاق مەنپەئەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە سىستېمىلىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەنمەكتە.»

باياناتتا، ئىقتىسادىي پىلاندا،  ئۆزئارا سودىنىڭ يېقىنقى يىللاردا، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە  ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈلگىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان دەرىجىدە كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا، زىيارەت جەريانىدا، تەببۇن بىلەن ئەردوغاننىڭ، «ئالىي دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى» غا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، بۇ يىغىننىڭ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە بۇ ھەمكارلىقنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر