بايدىن: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1826886
بايدىن: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى مافدالېنا ئاندېرسون ۋە فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «پىرېزىدېنت بايدىن، ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ھەمدە فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى، تاشقى سىياسەتلىرى ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىنى تۈزۈش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەر شارىۋى مەسىلىلەردە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان رەھبەرلەر، ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللاشقا قارىتا ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر