پالۇدىن يەنە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

دانىيەلىك ئىرقچى كەسكىن يۆنىلىش پارتىيەسى رەھبىرى راسمۇس پالۇدان  شىۋېتسىيەنىڭ ۋاسترا گۆتالاند رايونىدا يەنە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

1826508
پالۇدىن يەنە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرقچى پالۇدان، شىۋېتسىيەنىڭ ۋاسترا گۆتالاند رايونىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغان فرولۇندا، بوراس ۋە تروللھاتتان قاتارلىق ئولتۇراق رايونلىرىدا، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

قارشى تەرەپ نامايىشچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىغۋاگەرچىلىكتە، تەخمىنەن 100 ساقچى پالۇداننى قوغدىدى، شىۋېتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى (SEPO) نىڭ 10 پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىسىمۇ ئۇنى قاتتىق قوغدىدى.

راسمۇس پالۇداننى، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرىدىغان جايغا، 20 ساقچى ماشىنىسى شىۋېتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىغا ئائىت ئوق ئۆتمەيدىغان بىرونىۋىك ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ باردى.

بوراستىكى ئىغۋاگەرچىلىك جەريانىدا، قارشى تەرەپ نامايىشچىلىرىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان 6 كىشى،  دەرياغا سەكرەپ پالۇداننىڭ يېنىغا بارماقچى بولدى. پالۇداننىڭ يېنىغىچە سۇ ئۈزۈپ  بارغان نامايىشچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، بىرى قولغا ئېلىندى.

راسمۇس پالۇدان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپ نامايىشچىلىرىدىن يىغلاپ ھوشىدىن كەتكەنلەر بولدى.

ھەم دانىيە ھەم شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان پالۇدان، دانىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە، 2017 – يىلدىن بۇيان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك ئىغۋاگەرچىلىكلەردە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر