خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئومىكرون ۋارىيانتىدىن كېلىپ چىققان يېڭى تىپتىكى كوۋىد - 19 يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1826497
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
Şi Cinping.jpg
korona çin.jpg
KORONA ÇİN.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (19-كوۋىد) يۇقۇمى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، پاسپورت ۋە ساياھەت ھۆججەتلىرىنىڭ تەستىقلىنىشىدا تەپسىلىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ «ھالقىلىق ۋە تەخىرسىز نۇقتىدا» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ئالدىنقى ھەپتە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان ئالىي قارار چىقىرىش ئورگىنى خىتاي كومپارتىيەسى (CCP) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ماقۇللانغان قارارلار تەكىتلەندى.

شى جىنپىڭ يىغىندا «يۇقۇملىنىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى مۇرەسسەسىز ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى قايتىدىن باش كۆتۈرگەندىن بۇيان ھەم چەت ئەللىكلەرنىڭ چەت ئەلدىن كېلىشى، ھەم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى ئاساسەن دېگۈدەك چەكلەنگەن ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۇقرالار پاسپورتىنى يېڭىلاشتىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.  

ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ جەريانىمۇ ئۇزىراپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىمۇ ئىنتايىن قىيىنلاشقان ئەھۋالدا.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا 2021-يىلى خەلقئارالىق ساياھەت 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %80 ئازايغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر