ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى

ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى نىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەندى.

1825804
ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن «ياپونىيە-ياۋروپا ئىتتپاقى باشلىقلار يىغىنى» دا كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر كىشىدا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن چاقىرغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەرەپلەرنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كىشىدا خەلقئارا تەرتىپنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملارغا قارشى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىدا: «ياۋروپا بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى ۋە ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چارلېز مىشېل دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا چوڭقۇر ۋە دىنامىك كۈچكە ئىگە مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئەڭ يېقىن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكتۇر» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملشتۇرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنىڭ موھىملىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىشېل، تەرەپلەرنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋون دې لېيېن شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ داۋاملاشتۇرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ھىندى-تېنچ ئوكيان گۈللەنگەن بىر رايوندۇر ھەمدە بىر يىرىكچىلىك تىياتىرخانىسىدۇر» دېدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەندى.

رەھبەرلەر يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇش شۇنداقلا دىگىتال تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر