ئامېرىكادا بۇلتۇر زەھەرلىك چېكىملىك ​​ سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكادا بۇلتۇر نورمىدىن تاشقىرى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئىشلىتىش سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

1825740
ئامېرىكادا بۇلتۇر زەھەرلىك چېكىملىك ​​ سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە قاراشلىق دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىستاتىستىكا مەركىزى (NHSC) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى ئامېرىكادا زەھەرلىك چېكىملىك ​​سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %15 ئۆرلەپ، 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە قاراشلىق دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىستاتىستىكا مەركىزى (NHSC) نورمىدىن تاشقىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى، كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە دوختۇرخانىلاردا كۆرۈلگەن ئالدىراشچىلىق، داۋالىنىشقا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىشىشى، ئىجتىمائىي كارانتىنا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە قاراشلىق دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىستاتىستىكا مەركىزى (NHSC) نورمىدىن تاشقىرى زەھەرلىك چېكىملىق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمى ئامېرىكىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن 2020-يىلىدا، بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر