ئاتاقلىق جىنايەتچى ئاتونېلنىڭ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى قوراللىق توقۇنۇشقا سەۋەب بولدى

كولۇمبىيەنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان كلان دېل گولفونىڭ كاتتىبېشى «Otoniel»  ئاتونېل لەقەملىك دايرو ئۇسۇگانىڭ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، قوراللىق توقۇنۇشقا سەۋەب بولدى.

1824481
ئاتاقلىق جىنايەتچى ئاتونېلنىڭ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى قوراللىق توقۇنۇشقا سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشتا 6 كىشى قازا قىلدى.

كلان دېل گولفو ناملىق جىنايەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاتونېلنىڭ ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ ئىنتقامىنى ئېلىش ئۈچۈن كولومبىيەنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا «قوراللىق ئىش تاشلاش» دەپ نام بېرىلگەن ھۇجۇملىرىنى باشلىدى.

ھۇجۇمنىڭ ئالدىنقى 3 كۈنىدە 180 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ئۆت قويۇپ بېرىلدى. كولۇمبىيەدىكى توقۇنۇشلاردا بىر نەپەر ساقچى ۋە بىر نەپەر ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كلان دېل گولفو تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكىتىدە، تەشكىلاتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 92 كىشى قولغا ئېلىندى.

ئاتونېل پايتەخت بوگوتادىكى دىجىن تۈرمىسىدىن ئېلىنىپ، 5-مايدا كاتام ھەربىي ئايرودرومىدىن نيۇ-يوركقا قاراشلىق برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

كولۇمبىيەدە ئونلىغان قاتىللىق، تۇتقۇن قىلىش، جىنايى تەشكىلات قۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق 120 خىل جىنايەت بىلەن سوتلىنىۋاتقان جىنايەت تەشكىلاتى كلان دېل گولفونىڭ كاتتىبېشى ئوتونېلنىڭ ئامېرىكىدا زەھەرلىك چېكىملىك ​​توشۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئوتونېل 23-ئۆكتەبىردە كولۇمبىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نېكوكلى يېزىسىدا 22 تىك ئۇچار، 650 ساقچى ۋە ئەسكەرلەر قاتناشقان «ئوسىرىس» ناملىق ھەرىكەتتە نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا «ئەڭ خەتەرلىك زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرىدىن بىرى» دەپ كۆرسەتكەن ئوتونېل ئامېرىكاغا توننىلارچە كوكايىن يوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر