جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

جەنۇبىي كورېيەدە مارت ئېيىدا (2022) پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان يۇن سۇكيېئول قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1824568
جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان يۇن سۇكيېئولنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ 2027-يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

چەت ئەللەردىن كەلگەن ھەيئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مۇراسىمدا 61 ياشلىق يېڭى پىرېزىدېنت، «شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگنى ۋە بازار ئىقتىسادىنى» ئالاھىدە تەكىتلەپ: «ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ۋە مەسئۇلىيەت ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن ئۇلۇسنى قايتىدىن قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپەمنى ئۇنتۇمايمەن. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ چاقىرىقى، ئەركىن دېموكراتىيەنى قوبۇل قىلغان ۋە تەرەققىي قىلغان بازار ئىقتىسادىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ئەركىنلىك ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تىنچلىق قىممەتلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە سەۋەب بولغان «تەھدىتلەرنىڭ» تىنچلىق ئۇسۇلدا ۋە دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تەھدىتلەر بولسىمۇ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى» قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال پىروگراممىلىرى پەقەت بىزگىلا ئەمەس، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ تەھدىتنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتىمىز. ئەگەر شىمالىي كورېيە ھەقىقەتەن تولۇق يادروسىزلىنىش مۇساپىسىغا كىرسە، ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈرىدىغان <دادىل پىلان> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارمىز.»

جەنۇبىي كورېيەدە بەش يىل داۋاملىشىدىغان يۇن سۇكيېئول ھككۈمىتىدە، خانداكسۇ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر