كونگودا ئالتۇن كانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 50 كىشى قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسىدە بىر ئالتۇن كانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 50 كىشى قازا قىلدى.

1823801
كونگودا ئالتۇن كانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 50 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسىگە قاراشلىق مامبىلىدې يېزىسىدا كونگو تەرەققىيات ھەمكارلىق كوپراتىپى ئەزالىرى ئالتۇن كانىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىتۇرى ئۆلكىلىك ئاممىۋى تەشكىلات گۇرۇپپىلىرى باشلىقى ژان بوسكو بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 50 پۇقرا قازا قىلدى. ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلدى. كونگو تەرەققىيات ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى قىرغىنچىلىق قىلدى» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كونگو تەرەققىيات ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 2021-يىلى 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئىتۇرى ۋە قوشنا شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىدىكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت 2021-يىلى مايدا ئىككى شەھەرنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر