سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بالنېستقا ئېلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز بىر قىسىم تېببىي تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن بالنېستقا ئېلىندى.

1823599
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بالنېستقا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 86 ياشلىق پادىشاھ سالمان جىددەدىكى پادىشاھ فايسال مۇتەخەسسىسلەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.

پادىشاھ سالماننىڭ بىر قىسىم تېببىي تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرلگەن خەۋەردە، باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پادىشاھ سالمان 2020-يىلى 20- ئىيۇلدىمۇ بەزى تىببىي تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە 3 كۈندىن كېيىن ئۆت خالتىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر