خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى لى كاچيۇ خوڭكوڭنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلاندى

لى كاچيۇ بىلەن كەرىي لام ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

1823534
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى لى كاچيۇ خوڭكوڭنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلاندى
hong kong bayrak.jpg
hong kong.jpg
hong kong yuruyus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سابىق بىخەتەرلىك مەسئۇلى جون لى كاچيۇ باش ۋالىيلىققا سايلاندى.

سايلام بۈگۈن (8-ماي) ئەتىگەندە ۋەن چاي ناھىيەسىنىڭ ۋىكتورىيە پورتىغا يېقىن خوڭكوڭ يىغىن ۋە كۆرگەزمە مەركىزىدە مەخپىي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

لى خوڭكوڭ باش ۋالىيسىنى سايلاش ھوقۇقى بېرىلگەن 1500 كىشىلىك سايلام ھەيئىتىدىن 8 ئەزانىڭ رەت ئاۋازىغا قارشى 1461 ئاۋاز بىلەن خوڭكوڭنىڭ يېڭى رەھبىرىگە ئايلاندى.

سايلامغا بىردىنبىر نامزات سۈپىتىدە كىرگەن 64 ياشلىق لى بۇ نەتىجە ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كۆپ سانلىقنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەن بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان لى قانۇن چىقىرىش مەجلىسى، كەسپىي گۇرۇپپىلار ۋە سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالغان كومىتىتنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان 786 ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەرىي لامنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى توشىدۇ، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان لى ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ.

لى سابىق ۋالىي كەرىي لامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئىككىنچى نوپۇزلۇق ئورۇننىڭ باش كاتىپى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى.

ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى بولغان ۋە ساقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان لى فامىلىلىكنىڭ 2019-يىلى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا شۇنداقلا 2020-يىلى ماقۇللانغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» بىلەن ئۆكتىچىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

لى ۋە كەرىي لام ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر