گېرمانىيە ئۇكرائىناغا يەتتە شراپنېل زەمبىرىكى ئەۋەتىدۇ
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېچت ئۇكرائىنا بىلەن «PzH 2000» تىپلىق يەتتە زەمبىرەك ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېچت سىلوۋاكىيەنىڭ سلىياج شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇكرائىناغا «PzH 2000» تىپلىق يەتتە زەمبىرەك ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىش تەلىم-تەربىيەسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، زەمبىرەكلەرنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسكىلاتىدىن بېرىلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ رېمونت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە، گوللاندىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان بەش دانە شراپنېل زەمبىرىكى بىلەن، بۇ خىل زەمبىرەك سانىنىڭ 12 گە چىققانلىقى، گېرمانىيەدە بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيەنىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.