دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر توپ كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئەسكەرلىرى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 10 كۈندىن بۇيان قاپسېلىپ قالغان 17 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

1823180
دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر توپ كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاقدېڭىزدا لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاقتا قاپسېلىپ قالغان 17 كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، بىر كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈۈرلىشىچە، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 6-ماي) تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ  ت ج گ (TCG) گۆكچەئادا ناملىق ھەربىي پاراخوتى لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاقنى بايقىغان ۋە قولۋاقتىكى 17 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

پاراخوتتىكى دوختۇرلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە 12 كۆچمەننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، تۆت كۆچمەننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بىر كۆچمەن بولسا، دوختۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان.

كۆچمەنلەرنىڭ باڭلادىشلىق ئىكەنلىكى ۋە 10 كۈندىن بۇيان دېڭىزدا قاپسېلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

كۆچمەنلەرنىڭ لىۋىيەنىڭ ھومس پورتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر