نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىمو ئۆلكىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىنغان بىئافرا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1822415
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئونيېما نۋاچۇكۋۇنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىمو ئۆلكىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىئافرا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى بىئافرا يەرلىك خەلقلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ رەئىسلىرىنىمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر