ياپونىيە بىلەن تايلاند خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىرلەشتى

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو تايلاند پايتەختى باڭكوكتا باش مىنىستىر پرايۇت چەنوچا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1821966
ياپونىيە بىلەن تايلاند خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ۋە تايلاند رەھبەرلىرى ئۆزئارا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدۇق. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق قەدەم ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

  تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇت كېلىشىمنىڭ تايلاند مۇداپىئە سانائىتىگە ياپونىيە سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە، خىتاي پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان رايوندا «ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان» نىشانى بىلەن ئەتراپلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئۇكرائىنادىكى كىرىزىسنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ھازىرقى ھالەتنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

كىشىدا بىلەن پرايۇت بىرما ۋە شىمالىي كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەردە، زىچ ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

كۆرۈشۈشتە، ياپونىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش رامكىسىدا تايلاندقا 50 مىليارد يېن (385 مىليون دوللار) قەرز بېرىش قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر