ئۇكرائىنادا يېڭى دۇنياغا كەلگەن بوۋاقلارغا تانكا ئاتارلارنىڭ ئىسمى قويۇلۇشقا باشلىغان
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغان جەۋېلىن (Javelin) تانكا ئاتارلىرى ياسىلىدىغان لوكىد مارتىن (LockheedMartin) فابرىكاسىنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغان جەۋېلىن تانكا ئاتارلىرى ياسىلىدىغان لوكىد مارتىن فابرىكاسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ تانكا ئاتارلارنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا قورال شىركىتى لوكىد مارتىننىڭ ئالاباما ئىشتاتىغا جايلاشقان جەۋېلىن تانكا ئاتار فابرىكاسىنى زىيارەت قىلدى.
ئۇ ئامېرىكانىڭ بۈگۈنگىچە ئۇكرائىناغا مىڭلارچە تانكا ئاتار ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان مۇداپىئە ياردەملىرىنىڭ ئۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ئۇكرائىنادا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا جەۋېلىن ۋە جاۋېلىنا دەپ ئىسىم قويۇلۇۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا نۇرغۇن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا دىكتاتور تۈزۈملەر بىلەن دېموكراتىك تۈزۈملەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«دىكتاتورلارغا بۈگۈن قارشى تۇرمىساڭلار، تارىخ بويىچە ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ، ئۆزىنى داۋاملىق كۈچلەندۈرىدۇ.»
ئۇ لوكىد مارتىن قورال شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ: «ئۇكرائىناغا ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىسلەر» دېدى.