رۇسىيە «دوستانە بولمىغان» دۆلەتلەرگە خام ئەشيا سېتىشنى چەكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشى ۋە تەشكىلاتلارغا مەھسۇلات ھەمدە خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.

1821760
رۇسىيە «دوستانە بولمىغان» دۆلەتلەرگە خام ئەشيا سېتىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن «دوستانە بولمىغان» دۆلەتلەرگە خام ئەشيا قىلىشنى چەكلەش قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.

پۇتىن ئىمزالىغان ۋە رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان قارارنامەگە ئاساسلانغاندا، «دوستانە بولمىغان» قەدەملەرنى تاشلىغان بەزى دۆلەتلەرگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن.

رۇسىيە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن كىشى ۋە تەشكىلاتلارغا مەھسۇلات ھەمدە خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىش، ئۇلار بىلەن سودا قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن قارارنامەدە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ۋە رۇسىيە ئورگانلىرىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشى ھەمدە تەشكىلاتلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا رۇخسەت قىلىندى.

قارارنامەدە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشى ۋە ئورگانلارنىڭ تىزىملىكىنى 10 كۈن ئىچىدە تەييارلايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر