ئۇكرائىنا پورتلىرىدا ئاشلىق بېسىلىپ قالغان

ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى 4.5 مىليون توننا ئاشلىقنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدا بېسىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1821238
ئۇكرائىنا پورتلىرىدا ئاشلىق بېسىلىپ قالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ گېرمانىيە دىرېكتورى مارتىن ئېرىك (Martin Frick) گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 4.5 مىليون توننا ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ پورتتىن چىقالمىغانلىقىنى،  دۇنيانىڭ بۇ ئاشلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا 24-فېۋرال (2022) باشلانغان رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك پورتلىرىنى سودا ئىشلىرىغا ئاچالمايۋاتماقتا ئىكەن.

ياۋروپا دۆلەتلىرى قۇرۇقلۇق ۋە تۆمۈر يول ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكىمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر