زېلېنىسكى: رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى بار

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى رۇسىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1820757
زېلېنىسكى: رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، پولشالىق ژۇرنالىستلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 2 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر سۆھبەتنىڭ تامامەن ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى بار. بۇ، رۇسىيە ئارمىيەسى بېسىپ كىرگەن جايلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.»

ئۇكرائىنا – رۇسىيە ھەيئەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە توردا كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنىسكى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز بىرلا ئارتىس رول ئالىدىغان سىياسىي تىياتىر سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىمايمىز. رۇسىيە تەرەپ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ بولىدىغانلىقىنى دەسلەپتە جەزملەشتۈرىدۇ، لېكىن كېيىن بۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.»

بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زېلېنىسكى، كىيېۋ رايونىدا يېڭى ئاممىۋى مازارلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئوخشىغان مازارلاردا جەمئىي 900 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر