كابۇلدا جامەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1820767
كابۇلدا جامەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى خالىد زادراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ سېھ راھاي ئالائۇددىن رايونىغا جايلاشقان بىر جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 كىشى يارىلانغان. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جاۋابكار ياكى جاۋابكارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

تالىبان مەنسۇپلىرى جامەگە بارىدىغان بارلىق يوللارنى قاتناشقا تاقىغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر