تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ مازار شېرىف شەھىرىدە ئىككى ئاپتوموبىل نىشان قىلىنغان پارتلاشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1820221
تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاننىڭ مازار شېرىف شەھىرىدە ئىككى ئاپتوموبىل نىشان قىلىنغان پارتلاشلارنىڭ كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ۋە يارىلاندۇرغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق.»

يېقىنقى مەزگىللەردە ئافغانىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپىيىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، جاۋابكارلارنىڭ ئادالەت ئالدىدا جازاغا تارتىلىشىنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى ۋە قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ئافغانىستاننىڭ مازار شېرىف شەھىرىدىكى ئىككى مىنىبۇس بېكىتىدە يۈز بەرگەن  ۋە 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 كىشى يارىلانغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇملار شىئە يولۇچىلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىللارنى نىشان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر شەھەردە ئالدىنقى ھەپتىمۇ بىر شىئە جامەسى  ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر