رۇسىيە ب د ت باش كاتىپىنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شېۋچېنكوۋىسكىي ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلدى.

1820193
رۇسىيە ب د ت باش كاتىپىنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەسلىھەتچىسى ئانتون گېراشچېنكو ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدىن كىيېۋدىكى پۇقرالار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبامۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمەھرىلەپ، رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى كىرىل پېتكوۋ پايتەختىمىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئەسنادا رۇسىيە كىيېۋنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلدى. رۇسىيە بۇ رەزىل ۋەھشىيلىك ئارقىلىق ئۇكرائىناغا، ياۋروپاغا ۋە دۇنياغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر