بلىنكېن: تۈركىيەگە قورال – ياراغ سېتىشنى تېزلىتىش كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەربىي  ئەسلىھەلەرنى سېتىش جەريانىنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1820268
بلىنكېن: تۈركىيەگە قورال – ياراغ سېتىشنى تېزلىتىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى خامچوت يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى دائىرىسىدە چەت ئەللەرگە قورال-ياراغ سېتىشى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ جەنۇبىي كارولىنا ئىشىتاتى پالاتا ئەزاسى جو ۋىلسوننىڭ، «مېنىڭچە، بىزنىڭ چەت ئەللەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىش ئىشلىرىمىز كېرەكسىز بىيۇروكراتىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشىغان ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىىشىشىمىز ئۈچۈن، قانداق قىلغاندا بۇ بىيۇروكراتىيە ئۆتكىلىدىن ئۆتەلەيمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن، بىز چەت ئەللەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىشتا، بولۇپمۇ جىددىي ئەھۋاللاردا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋال ئىجرائىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر، ئەلۋەتتە دۆلەت مەجلىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىمدۇر، چۈنكى ئەگەر بىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن شېرىك بولالىساق، رۇسىيە بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇداپىئە مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان بىر مەكتۇپتا، تۈركىيەگە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىلىشىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر