رۇسىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مەكتۇپلىرىغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىم خان، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1819911
رۇسىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مەكتۇپلىرىغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى فىرانسىيە بىلەن ئالبانىيەنىڭ تەكلىپىگە  بىنائەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا غەيرىي رەسمىي يىغىن چاقىردى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىم خان يىغىندا سۆز قىلىپ، 43 دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتى ئەيىبنامىسىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن رۇسىيەگە 3 ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەن بولساممۇ، ئەمما جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم، مەن داۋاملىق تىرىشىمەن... بىزنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشتىن باشقا ھېچقانداق نىشانىمىز ۋە سىياسىي كۈنتەرتىپىمىز يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 - ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى، بىنالىرى ۋەيران قىلىنغان، كوچىلىرى جەسەتلەرگە تولغان شەھەر مەنزىرىسىگە دۇچ كەلگەن، كىيېۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونىدىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر