گېرمانىيە ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يۆتكەش قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يۆتكەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

1819964
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يۆتكەش قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى خىرىستىيان بىرلىكى پارتىيەلىرى قوللاپ، ئاشقۇن ئوڭچىل گېرمانىيە ئۈچۈن تەڭداش (يول) پارتىيەسى بىلەن سولچىلار پارتىيەسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

«ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش» ماۋزۇلۇق تەكلىپ لايىھەسى 586 «قوللاش» ۋە 100 «رەت» بېلىتى بىلەن قوبۇل قىلىندى، 7 پارلامېنت ئەزاسى بېلەت تاشلاشتىن يالتايدى.

قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ لايىھەسىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ئوخشىمىغان قورال سىستېمىسىنى يۆتكىيەلەيدىكەن. بىراق، قورال-ياراغ يۆتكەش ئىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

 قارارنى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان سول پارتىيە پارلامېنت گۇرۇپپىسى رەئىسى دىتمار بارتچ، ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ يەتكۈزۈپ بېرىش نەتىجىسىدە يادرو ئۇرۇشى چىقىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر