ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېننېت تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى باياناتىدا: «سىياسىي سۈركۈلۈش ھەرقانچە چوڭقۇرلاشقان تەقدىردىمۇ، زوراۋانلىق، بوزەك قىلىش ۋە ئۆلۈم تەھدىتى دەرىجىسىگە يەتمەسلىكى كېرەك» دېدى.

1818817
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېننېت تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى باش مىنىستىر نافتالى بېننېتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلگەن ۋە ئىچىدە ئوق مۇشەكى چىققان تەھدىت خېتىگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تارقىتىش ئىدارىسى (KAN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رانانا شەھىرىدىكى بېننېتنىڭ ئۆيىگە ئىچىدە ئوق مۇشەكى بولغان بىر تەھدىت خېتى ئەۋەتىلگەن.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى شىن-بېت (شاباك) بۇ خەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ئىبرانىي تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان «Walla News» خەۋەرلەر تور بېكىتىدىمۇ ۋەقەدىن كېيىن بېننېت ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا قوغداش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېننېت تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا، «سىياسىي سۈركۈلۈش ھەرقانچە چوڭقۇرلاشقان تەقدىردىمۇ، زوراۋانلىق، بوزەك قىلىش ۋە ئۆلۈم تەھدىتى دەرىجىسىگە يەتمەسلىكى كېرەك» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر