بىرما سوتى ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدىن ھۆكمىنى ئېلان قىلدى

بىرمادا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەر ئاڭ سان سۇچى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1819068
بىرما سوتى ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدىن ھۆكمىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھەربىي سوتى بۈگۈنگىچە 11 قېتىم چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدىن تۇنجى قارارىنى ئېلان قىلدى.

بىرمادا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەر ئاڭ سان سۇچى 600 مىڭ دوللار نەق پۇل ۋە ئالتۇن پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدە 10 ئايرىم چىرىكلىك تەكشۈرۈشى بار. 76 ياشلىق ئاڭ سان سۇچى قانۇنسىز سىمسىز تېلېفون ئىمپورت قىلىش ۋە سىمسىز تېلېفون ساقلاش، خەلقنى ئىسيان قىلىشقا كۈشكۈرتۈش، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئاڭ سان سۇچىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئەيىبلەشلىرى بىلەن جازا بېرىلگەن ئەھۋالدا، 175 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن دۆلەتتە جىددىيچىلىك كۈچەيگەندىن كېيىن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى، شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان نامايىشچىلارنى ۋە ئىسيانچى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە، بۈگۈنگىچە 902 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە نامايىشچى تۇتۇلدى.

سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان تەخمىنەن 1400 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر