ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئاشتى

ب د ت رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنادىن قوشنا دۆلەتلەرگە ھازىرغىچە 5 مىليون 264 مىڭ 767 مۇساپىرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇرۇشتا جەمئىي مۇساپىر سانىنىڭ 8.3 مىليونغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1818574
ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئۇكرائىنادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 24-فېۋرالدىن 25-ئاپرېلغىچە (2022) ئۇكرائىنادىن 5 مىليون 264 مىڭ 767 كىشى قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى پولشادا ئىكەن.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى شابىيا مەنتۇ (ShabiaMantoo) شىۋېيتسارىيەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇرۇشتا جەمئىي مۇساپىرلار سانىنىڭ 8.3 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 1.85 مىليارد دوللار فوند ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئىچىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانىنىڭ 7.7 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئىككى ئايدا جەمئىي 12.7 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتسىيە ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى يېنس لائېرك (Jens Laerke) ئۇكرائىنا ئىچىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان پۇقرالار سانىنىڭ 12 مىليوندىن 15.7 مىليونغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 يېنس لائېرك ئۇكرائىنادا ئالدى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان تەخمىنەن 8.7 مىليون كىشى ئۈچۈن 2.25 مىليارد دوللار فوندقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر