ئېلون ماسك Twitter نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈشتى

SpaceX ۋە تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter نى تەخمىنەن 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈشتى.

1818021
ئېلون ماسك Twitter نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 54.20 دوللار  بولۇش شەرتى بىلەن، Twitter نىڭ تەخمىنەن 44 مىليارد دوللار غا سېتىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلدى. سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، Twitter شەخسىي شىركەتكە ئايلىنىدۇ.»

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئېلون ماسىك بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «پىكىر ئەركىنلىكى پائال دېموكراتىيەنىڭ ئۇل تېشىدۇر، Twitter بولسا ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان دىگىتال شەھەر مەيدانىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر