نىگېرىيەدە قانۇنسىز نېفىت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ رىۋېرس ئۆلكىسىدە بىر قانۇنسىز نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، كەم دېگەندە 100 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1817043
نىگېرىيەدە قانۇنسىز نېفىت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋېرس ئۆلكىسى نېفىت ئىشلىرى كومىسسارى گودلۇك ئوپىيا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۈمە كۈنى كەچتە رىۋېرس ئۆلكىسىدىكى قانۇنسىز نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوپىيا پارتىلاشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ كۆيۈپ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافرىقا قىتئەسى بويىچە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئەڭ مول بولغان نىگېرىيەدە، ھۆكۈمەتنىڭ  تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماستىن، نۇرغۇن قانۇنسىز نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەت نېفىت ئوغرىلاش ۋە بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن دۆلەتتە كۈنىگە 200 مىڭ ۋارىل خام نېفىت يوقۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رىۋېرس ئۆلكىسىدە 2021-يىلى ئۆكتەبىردىمۇ بىر  قانۇنسىز نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 25 كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر