گۇگۇل «23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە لوگو تەييارلىدى

گۇگۇل باش بېتىدىكى «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» غا خاس Doodle ئارقىلىق «23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتە.

1816801
گۇگۇل «23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە لوگو تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابونتلار Doodle نى چەككەن ھامان، «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق» ۋە «بالىلار بايرىمى» غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە خەۋەرلەر بار بەتكە يۈزلەندۈرۈلىدۇ.

Doodle پىروگراممىلىرى، دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم كۈن ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىگە، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە تارىختىكى مۇھىم شەخسلەرگە ئورۇن بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تور ئابونتلىرى، ئالاھىدە لايىھەلەنگەن لوگونى چېكىش ئارقىلىق شۇ كۈنگە، شەخسكە ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر