كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جيائىننىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇردى.

1816400
كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، كىم جوڭئۇن مەكتۇبىدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن مۇن جيائىننى تەقدىرلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، مۇن جيائىننىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، كېلەر ئاي (2022-يىلى ماي) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ «كورېيەنىڭ بىرلىشىشى» ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 خەۋەردە، كىم جوڭئۇن بىلەن مۇن جيائىننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە «ئۈمىد بىلەن ھارماس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئەھۋالدا، كورېيەلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جيائىننىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا مەكتۇپ توغرىلاندى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە شىمالىي كورېيەنىڭ «يېڭى تىپلىق» قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى سەۋەبىدىن جىددىيچىلىك كۈچەيگەن ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى سۇھ ۋۇك 1-ئاپرېل شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش نىيىتىنىڭ بارلىقى بايقالغان ئەھۋالدا، بۇنىڭغا جاۋابەن ھۇجۇم باشلاش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ۋە تەييارلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن G7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى رامكىسىدا ئۆزئارا كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر