ئۇكرائىنادا 21 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلگەن

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) 21-ئاپرېلغىچە تارتقان تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئېلان قىلدى.

1815795
ئۇكرائىنادا 21 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسى تەخمىنەن 21 مىڭ ئەسكەر ئۆلگەن. 172 ئايروپىلان، 151 تىك ئۇچار، 829 تانكا، 2 مىڭ 118 بىرونىۋىك، 393 زەمبىرەك، 136 راكېتا ئاتار سىستېمىسى، 67 ھاۋا قالقان سىستېمىسى، 1 مىڭ 508 ھەربىي ئاپتوموبىل، سەككىز دانە يىنىك تىپلىق پاراخوت، 76 يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى ۋە 166 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى 25-مارت (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنادا 1 مىڭ 351 رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر