بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يولدىشىنى دەپ ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق ئىستىپا بەردى
بېلگىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوفىي ۋىلمېس يولدىشىنىڭ مېڭە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق ئىستىپا بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلمېس مۇددىتى ئېنىقسىز بىر شەكىلدە خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان مەكتۇبىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلدى.
ۋىلمېس مەكتۇبىدا، «بۇ كېسەللىك بۈگۈن تۇيۇقسىز ھاياتىمىزغا كىردى. يولدىشىم كرىستوفىر (ستون) نۇرغۇن ئايال، ئەر ۋە بالىلارغا ئوخشاش مېڭە راكىغا گىرىپتار بولدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ۋىلمېس بۇ قىيىن سىناقنىڭ ئائىلىسىدىكى ۋە بېلگىيە ھۆكۈمىتىدىكى رولى نۇقتىسىدىن بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مىنىستىر بولۇش ئەستايىدىللىق، ھەر دائىم تەييار تۇرۇش ۋە تۇلۇق ئىشتىياقنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتىكى قىيىن ۋاقىتتا يولدىشىم كىرىستوفېر ۋە بالىلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ياردەملەرنى قىلالىشىمغا توسالغۇ بولىشى مۇمكىن. ئۇ ھەر دائىم بىزنىڭ يېنىمىزدا بولدى، ئەمدىلىكتە مەنمۇ چوقۇم ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشىم كېرەك» دېدى.
سوفىي ۋىلمېسنىڭ ۋەزىپىسىنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى داۋىد كلارېنۋال ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماتېئو مىشېلنىڭ ۋاكالىتەن ئۆتەپ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.