ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل رۇسىيە بىلەن 24 – فېۋرالدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا زىيارەتتە بولدى.

1815002
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچېل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئىلگىرى مەلۇمات بەرمىگەن كىيېۋ زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن كىيېۋدىمەن. دەرۋەقە، كىيېۋ ئەركىن ۋە دېموكراتىك ياۋروپانىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدۇ.»

پويىز ئىستانسىسىدا ئۇكرائىنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن مىچېلنىڭ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن كۆرۈۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن  بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلمۇ 8 – ئاپرېل كۈنى كىيېۋدا زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر