ئۇكرائىنادا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلرىدىن ئايرىلغان

رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا (2022) ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

1815042
ئۇكرائىنادا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلرىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى باش دىرېكتورى ئانتونىيو ۋىتورىنو (AntonioVitorino) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەرگەندە، ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى شىددەتلەنگەنسېرى چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى، خورلاش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقتىن قوغداش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ بالىلارنى كۈتۈۋالغان دۆلەتلەرنى ئاتا-ئانىسى بولمىغانلارنى ئېنىقلاشقا، ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشقا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇساپىرلارغا قارىتىلغان ئايرىمىچىلىقلار ئۈستىدە توختالغاندا، بۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھالدا كىشىنىڭ رەڭگى، ئېتنىك تەۋەلىكى، مىللىتى ياكى كۆچمەن سالاھىيىتىغا ئاساسەن ئايرىمىچىلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسئۇلى كېللى كلېمېنتس ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلار سانىنىڭ تەخمىنەن 5 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر