كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە بىر مەست ئەسكەر يولۇچىلارنى ئوققا تۇتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبى كىۋۇ ئۆلكىسىدە بىر ئەسكەر يولۇچىلار كېمىسىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ 8 يولۇچىنى ئۆلتۈردى، 7 يولۇچىنى يارىلاندۇردى.
1814979
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر مەست ئەسكەر جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ فىزى رايونىغا يېقىن تاڭگانىكا كۆلىگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر كېمىدىكى يولۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، 8 يولۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 7 يولۇچىنى يارىلاندۇرغان.
ھۇجۇم قىلغۇچى ئەسكەر رايون ئاھالىسى تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ، سۈر – توقاي قىلىنغان.
دۈشەنبە كۈنىمۇ ئىتۇرى ئۆلكىسىدە يەنە بىر مەست ئەسكەر 3 خىزمەتدىشى بىلەن ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 5 پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.