خىتاي رۇسىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1814976
خىتاي رۇسىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ، رۇسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي ئىۋانوۋىچ دېنىسوۋ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

لې يۈچېڭ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋر ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى  ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ ھەمكارلىقنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا سىياسەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، خىتاي، رۇسىيە بىلەن تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۆزئارا قوغداپ، يېڭى بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئورتاق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.»

رۇسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي ئىۋانوۋىچ دېنىسوۋ، رۇسىيەنەڭ ھەر دائىم خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك مۇھىم نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھەمدە خەلقئارالىق ھوقۇقتا باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقى بەلگىلىگەن يۆنىلىشتە كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر