بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىققا قايتا نامزات بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Hill» گېزىتىنىڭ بۇ تېمىغا يېقىن مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ئوباما بىلەن ئۆزىنىڭ 2024-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھەققىدىكى پىلانىنى ئورتاقلاشقان.
بايدىننىڭ 2024-يىلى ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، «جو بايدىن يەنە بىر قېتىم كاندىدات بولۇشنى ۋە ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشىنى خالايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ 2024-يىلىدىكى سايلامدا كاندىدات بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، ئاۋامنىڭ قوللاش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، بايدىننىڭ يەنىلا ترامپنى مەغلۇپ قىلالايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىك قانات نامزات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوباما 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە بايدىن بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەنىدى.