ۋاشىنگتون چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتى جەريانىدا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەمدە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1814198
ۋاشىنگتون چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر ۋە مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ مايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋاشىنگتون زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى.

نېد پرايس تۈركىيەنىڭ مۇھىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن مىنىستىر چاۋۇشوغلۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ (24- فېۋرال باشلانغان) ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە تۈركىيەنىڭ رولى مۇھىم. شۇڭلاشقا، بۇ پات يېقىندا كېلىدىغان پۇرسەت (چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى) بۇ جەرياننىڭ مۇھىم ئامىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتودىكى ئىككى شېرىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە تەرەپ بىلەن كۆپ نۇقتىدا ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار» دېدى.

پرايس، تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىغا قايتىدىن قاتنىشىپ – قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ۋاشىنگتوننىڭ S-400 لارغا ئالاقىدار ئەندىشىسىنى ئەنقەرەگە يەتكۈزگەنلىكىنى، S-400 لەرنىڭ F-35 تىپلىق ئايروپىلانلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جاۋاب بەردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم ئورنىتىلغاندىن كېيىنكى جەريان توغرىسىدا توختىلىپ: «18-ماي خىزمەتدىشىم (ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي) بلىنكېن بىلەن كۆرۈشىمىز. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە بولىدىغان ساھەلەردە قانداق قەدەملەرنى تاشلىشىمىز كېرەك؟ بىز بۇ مېخانىزمنىڭ ئۈنۈم مەركەزلىك ئىلگىرىلىشىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتە قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر