ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ كىم شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1813875
ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇڭ كىم پايتەخت سېئۇلدا كورېيەلىك مەنسەپدېشى نوخ كيۇ دۇك بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا بايانات بەرگەن.

سۇڭ كىم شىمالىي كورېيەنىڭ «يىرىكچىلىكنى ئاشۇرىدىغان پائالىيەتلىرى» گە قارىتا ئەندىشەلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىرلىكتە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن (2022-يىلى 17-ئاپرېل) «تاكتىكىلىق يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سىناقنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە مانىۋېرىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، شىمالىي كورېيە يىل بېشىدىن (2022) بۇيان 13-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر