پۇتىن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1813276
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: (رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى) كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە ئوپېك سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان OPEC + گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە بۇ ھەمكارلىققا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىلغان.
سۆھبەتتە، تەرەپلەر رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ھۇجۇم باشلىغان ئۇكرائىنادىن باشقا يەنە، يەمەننىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەن.