پاكىستان قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ ئىككى ۋىلايەتىگە ھۇجۇم قىلدى

پاكىستان ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ خوست ۋە كۇنار ۋىلايەتلىرىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

1813275
پاكىستان قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ ئىككى ۋىلايەتىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خوست ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇستاغفەر گۇربۇز، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خوستقا قاراشلىق سپېر رايونىدىكى 4 يېزىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈردى.

مۇستاغفەر گۇربۇز ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ يېزىلارنىڭ پاكىستان چېگراسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شاھىتلار ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 15 تىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كۇنار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى قارى نەجىبۇللاھ ھەنىفمۇ پاكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كۇنارغا قاراشلىق شالتان ناھىيەسىدىكى گەرنەي يېزىسىغا مىناميوت ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەنىف ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رايونغا بىر ھەيئەت يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايون ئاھالىلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندىمۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار مەۋجۇت.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاننىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ، ھۇجۇملار ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر