خىتاي ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى

خىتاي ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قۇتۇپلىشىشلارنىڭ، رايوندا ئۇكرائىنادىكىگە ئوخشاش تىراگېدىيەلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1813071
خىتاي ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇي تانخ سون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، ۋاڭ يى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە قۇتۇپلىشىشنىڭ تۈگىمەس خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندا جىددىيچىلىك، قالايمىقانچىلىق ۋە قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ خىل قەدەملەرن رايوندا تەستە قولغا كەلتۈرگەن تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنى مەركەز قىلغان رايون ھەمكارلىقى مىمارىسىغا چوڭ زىيان سالىدۇ. سوغۇق ئۇرۇش روھىنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىغا ۋە ئەتراپىمىزدا ئۇكرائىناغا ئوخشاش تىراگېدىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر