كىيېۋ شەھەر باشلىقى: رۇسلار ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارماقتا

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋىتالى كلىچكو دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى ئۇكرائىنا خەلقىگە قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1812629
كىيېۋ شەھەر باشلىقى: رۇسلار ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىتالى كلىچكو، پايتەخت كىيېۋدىكى «مارىيۇپول قەھرىمانلىرى» نامى بېرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان باغچىنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ يەردە كۆچەت تىكىش پىروگراممىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسكۋا بىلەن كىيېۋنىڭ دوستلۇقى نامىدىن ئىلگىرى بۇ يەردە بىر ھەيكەلنىڭ بارلىقىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، جۈملىدىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە قارشى قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسلار بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتسا، ئۇكرائىنا خەلقىگە قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتسا، ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتسا، بىز قانداقمۇ دوستلۇق ھەققىدە سۆز ئاچالايمىز؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر