زېلېنىسكىي ياۋروپانى رۇس ئۇرۇش ماشىنىسىغا ياردەم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1812123
زېلېنىسكىي ياۋروپانى رۇس ئۇرۇش ماشىنىسىغا ياردەم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تۈنۈگۈن تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ياۋروپا رۇسىيەنىڭ بارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېنىق نامايان قىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇس ئۇرۇش ماشىنىسىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، يېڭى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ زاپاسلىرىنى تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ يەنە جەنۇبتىكى ئۇكرائىنالىقلارنى ئۆز ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەتتا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان ھەربىي ماشىنا زاپىسى ۋە ئەسكەرگە ئىگە بولغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانى «پارچىلاش» كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي: «ھامان رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن تىنچلىقنى ئىزدەيدۇ ياكى بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە رۇسىيە خەلقئارا سەھنىدىن مەڭگۈ ئايرىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر