رۇسىيە «موسكۋا» ناملىق پاراخوتتا چىققان ئوتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە «موسكۋا» ناملىق ھەربىي پاراخوتتا چىققان ئوتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئوق-دورىلارنىڭ پارتلىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1812376
رۇسىيە «موسكۋا» ناملىق پاراخوتتا چىققان ئوتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا «نېپتۇن» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن سوقۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ «موسكۋا» ناملىق ھەربىي پاراخوتنىڭ  ئاھۋالى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «پاراخوتتا چىققان ئوت كونترول ئاستىغا ئېلىندى. ئوق-دورىلارنىڭ پارتلىشى توختىتىلدى. ئاساسلىق راكېتالار زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېيىلدى.

پاراخوتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قارا دېڭىز فلوتىنىڭ رايوندىكى باشقا پاراخوتلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، پاراخوتنى پورتقا ئەكىلىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا تۈنۈگۈن (13-ئاپرېل) نېپتۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ «موسكۋا» ناملىق ھەربىي پاراخوتىنى سوققانلىقىنى ۋە نەتىجىدە پاراخوتقا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پاراخوتتا تەخمىنەن 550 ئەسكەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئۇكرائىنا مەتبۇئاتلىرى ئۇرۇش پارتلىغان تۇنجى كۈندە يىلان ئارىلىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى بومباردىمان قىلغان «موسكۋا»پاراخوتىنىڭ، 2014-يىلى قىرىمنىڭ قانۇنسىز بېسىۋېلىنىشى جەريانىدىمۇ ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلىشىنى توسقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«موسكۋا» ناملىق پاراخوتىدا 16 دانە يېتىپ بېرىش مەنزىلى 700 كىلومېتىرغا يېتىدىغان پاراخوت ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن باشقا، «S-300» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بارلىقى بىلىنىدۇ.

مەزكۇر پاراخوت 2015-يىلى ئاقدېڭىزدا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دائىمىي ۋەزىپە ئۆتەش قىسمىغا قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، سۈرىيەدىكى رۇسىيە ھمېيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر