نىگېرىيەدىكى ھۇجۇمدا 154 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

نىگېرىيەنىڭ پلاتېۋ ئىشتاتىدا 10-ئاپرېل (2022) قوراللىق كىشىلەرنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 154 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1812236
نىگېرىيەدىكى ھۇجۇمدا 154 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ پلاتېۋ ئىشتاتىغا قاراشلىق كانېم رايونىدا 10-ئاپرېل موتوسىكلىت مېنىۋالغان بىر توپ قوراللىق كىشىلەرنىڭ  ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ھازىرغىچە 154 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە تەخمىنەن 4 مىڭ 800 كىشىنىڭ قورقۇنچ سەۋەبلىك ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت مۇھەممەد بۇخارى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىگېرىيە ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى لاي مۇھەممەد قوراللىق قارا گۇرۇھ ۋە بوكو ھارام تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمغا جاۋابكار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نىگېرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مەسئۇل مىنىستىر ھاجىيە ئۇمار فاروگ ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە يېمەك-ئىچمەك، سۇ ۋە ئەدىيال قاتارلىق كۈندىلىك ئېھتىياج مالزىمىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر