جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كۋازۇلۇ ناتال ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 306 گە چىقتى.

1812260
جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان دۇربان ۋە ئەتراپىدا مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ توختىماي ياغقان شىددەتلىك يامغۇر، سۇ ئاپەتلىرى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈ زبېرىشىگە سەۋەب بولدى.

مەسئۇل دائىرىلەر سۇ ئاپەتلىرىدە ھازىرغىچە 306 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىشتاتتا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپەت رايونىدا نۇرغۇن بىنالار ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى بولغان دۇربان پورتى خىزمەتتىن توختاپ قالدى.

تاشيول تىرانسىپورت جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن يولدا توختاپ قالغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۇلاڭچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى كيرىل رامافوسا (Cyril Ramaphosa) بۈگۈن (14-ئاپرېل) رايوننى زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى رايونلاردا، ئېلېكتىر يەتكۈزۈش، سۇ تازىلاشتەك يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا مېتېرولوگىيە ئىدارىسى ھەپتە بويىچە ئىشتاتنىڭ بەزى رايونلىرىدا پات-پات شىددەتلىك يامغۇر يېغىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر