بروكلىن ھۇجۇمچىسى تۇتۇلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس برۇكلىن مېتروسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 23 ئادەمنى يارىلاندۇرغان 62 ياشلىق فرانك ر. جېيمىسنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس، بايانات ئېلان قىلىپ، برۇكلىن مېتروسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ گۇماندارى فرانك ر. جېيمىسنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نىيۇ يوركلۇق دوستلىرىم، بروكلىن ھۇجۇمچىسىنى قولغا چۈشۈردۇق.»
زوراۋاننىڭ، مانخاتتاننىڭ East Village مەھەللىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، فرانك ر. جېيمىس، «فېدېراتىپ تېررورلۇق جىنايىتى» سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
ئالدىنقى كۈنى برۇكلىندىكى مېترو بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 23 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
00
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.